ئۇيغۇر ئالىمى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى 2013-يىلى  «دۇنيادىكى 10 چوڭ بۆسۈش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى! ئالىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!
ئامېرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرىستىتى خەۋىرى:
«دەۋىر» ژورنىلى يېقىندا 2013-يىللىق «10 چوڭ ئىش»نى ئېلان قىلغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پىرىماتلار (مايمۇن تۈرىدىكىلەر) تەتىقات مەركىزى غول ھۆجەيرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋە تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر ئالىمى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسى 2013-يىللىق «مىدىتسىنادىكى 10 زور بۆسۈش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.  دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئىنسان تېرە ھۆجەيرىسىنى «تەن ھۆجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش» تېخنىكىسى بىلەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرغانلىقى ئۇنى مەزكۇر شەرەپكە ئېرىشتۈردى.
بۇ بايقاش ئىنسانلاردىكى پاركىنسون كېسەللىكى (Parkinson’s disease) ،كۆپ قوزغىلىدىغان قېتىشىش كېسەللىكى، يۈرەك كېسىلى ۋە يۇلۇن زەخمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۈمىد تۇغۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
http://www.ohsu.edu/blogs/researchnews/2013/12/05/dr-mitalipovs-stem-cell-discovery-named-a-top-10-medical-breakthrough-of-2013/
«دەۋىر» ژورنىلى: 2013-يىلى «مىدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈش»:
4. 17-يىل ۋە بىر كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان ئىلىم-پەندىكى زور ئالدامچىلىقنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئالىملار ئاخىرى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى «دولىي» ئىسىملىك كلون قوينى يىتىشتۈرگەندە مۇۋاپىققىيەت قازانغان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنى مانا ئەمدى ئىنسانلاردا رىئاللىققا ئايلاندۇردى. ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ پىرافىسورى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 1996-يىلى كىلون قوي دولىنى يىتىشتۈرۈشتە ئىشلىتىلگەن «يادرو كۆچۈرۈش» دەپ ئاتىلدىغان تېخنىكىنى ئىنسان تىرە ھۆجەيرىسىدە سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ مۇۋاپىققىيەت قازاندى. ئىلگىرى كورىيە ئالىملىرى تەرىپىدىن مۇۋاپىققىيەت قازاندۇق دەپ ئېلان قىلىنغان بۇ تېخنىكا ئەمەليەتتە «يادرو كۆچۈرۈش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى «تەن سىرتىدا ھامىلە يىتىشتۈرۈش» ئۇسۇلىنى قوللانغان يالغانچىلىق بولۇپ چىققان ئىدى.
لىكىن، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ مەقسىتى ئىنسانلارنى كلونلاش ئەمەس. ئۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ تىرە ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسىنى تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كۆچۈرۈپ ئاندىن ئېلىكتىرلىق ۋە خېمىيىلىك غىدىقلاش ئارقىلىق بۇ تۇخۇمنى بۆلۈندۈرۈپ بىمارغا خاس تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئالغان. ھۆجەيرە ئادەم بەدىنىنى تۈزگۈچى بىرلىك بولۇپ، غول ھۆجەيرىلەرنى ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق ھۆجەيرىلەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق كەلگۈسىدە قېرىلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىدىن تارتىپ يۈرەك كېسەللىكلىرى، دىئابىت كېسەللىكلىرىگىچە كەڭ دائىرىدىكى ھازىر داۋاسى يوق نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالاش مەقسىىتىگە يەتكىلى بولۇشى مۇمكىن.
http://healthland.time.com/2013/12/04/health-and-society/slide/top-10-medical-breakthroughs/
==============
ئامېرىكا ئالىي مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپ مۇدىرى دوكتۇر تاشپولات روزى مۇنداق دەيدۇ:
مۇبارەك بولسۇن! 10 يىلنىڭ ئالدىدا كورىيەلىك “ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى كلۇنلىدىم” دەپ تەبىئەت ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغان ۋاقتىدا، پۇتتىن كورىيە خەلقى بىز دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇق دەپ جار سالغان ئىدى. بىراق ئۇ كورىيەلىكنىڭ ماقالىسى يالغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن توقۇپ چىقىرىلغان ماقالە ئىكەنلىكى پاش بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ماقالىسى تەبىئەت ژۇرنىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ كورىيە تەرەپ ئۇنى قولغا ئالغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق دۇنيادا تەس دەپ قارالغان تەتقىقاتنى بىزنىڭ ئۇيغۇرىمىزدىن چىققان پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ ئۇ يېڭىلىقنى جاكارلىدى. بىزلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا ئالىملىرى ئالىمىمىزغا ھەيران قىلىپ ئۇنىڭغا تەبرىكلەرنى ياغدۇرۇۋەتتى. باشقىلار ئۇنۇڭدىن سەن قايسى ئىلغار مىللەتتىن دەپ سورىۋىدى ئۇ: «مەن ئەقىللىق ئۇيغۇر مىللىتىدىن» دەپ ئۆزىنى دۇنياغا جاكارلىدى. شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەقىللىق دەپ يۈرگەن يەھۇدىلارمۇ بۇ ساھەدە بىزنىڭ كەينىمىزدە!  شۇڭا بىزلەر ئۇنۇڭدىن ئۆگىنەمدۇق بۇنىڭدىن ئۆگىنەمدۇق دەپ گاڭگىراپ يۈرمەي پەخىرلىك ئالىمىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىشىمىز، ئۇنۇڭ قىيىنچىلىقنى بېسىپ چۈشىدىغان قەيسەر روھىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم! ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىدۇر! 
بىلگەجان (2013-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى)
Www.kangsay.com مەنبە:باغداش تورى 

توپا يوللاردىكى ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ يۈرەك قېتىدا،  كاتتا شەھەرلەرگە ئىنتىلىش يوق.  ئۇلارغا پەقەت تەبىئىي خۇشاللىق ۋە تەبىيئىي مەنزىرلەرلا كۇپايە ..  توپىلىق يول . ئۇ  دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى گۈزەل مۇھىتلارنىڭ بىرى ..

توپا يوللاردىكى ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ يۈرەك قېتىدا،  كاتتا شەھەرلەرگە ئىنتىلىش يوق.  ئۇلارغا پەقەت تەبىئىي خۇشاللىق ۋە تەبىيئىي مەنزىرلەرلا كۇپايە ..  توپىلىق يول . ئۇ  دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى گۈزەل مۇھىتلارنىڭ بىرى ..